تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىتۇبۇت.
تۈرك ئەللىرىدە ياشايدىغان بىر قوۋم. ئىپار كېيىك شۇلارنىڭ يۇرتىدىن چىقىدۇ. بۇ كېيىكنىڭ كىندىكى كېسىۋېلىنىدۇ. ئەنە شۇ نەرسە «كىندىك ئىپار» دېيىلىدۇ. تۈبۈتلەر«» ئىسىملىك بىر ئادەمنىڭ ئەۋلادىدۇر. بۇ يەمەنلىك ئادەم بولۇپ، ئۇ يەردە (يەمەندە) بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقتىن، جىنايىتىدىن قورقۇپ، كېمە بىلەن چىنغا كەلگەن. بۇ يەر ئۇنىڭغا ياراپ قېلىپ، شۇ يەرگە ئورنىشىپ قالغان. كېيىن ئۇنىڭ ئۇرۇق - ئەۋلادى كۆپىيىپ، تۈركلەر زېمىنىدىن مىڭ بەش يۈز پەرسەخ يەر ئالغان. بۇ يەرنىڭ شەرق تەرىپى چىنغا، غەرب تەرىپى كەشمىرگە، شىمال تەرىپى ئۇيغۇر يۇرتىغا، جەنۇب تەرىپى ھىند دېڭىزىغا تۇتىشىدۇ. ئۇلارنىڭ تىللىرىدا ئەرەبچىنىڭ تەسىرى بار، «ئانا» نى « ئۇما»، «ئاتا» نى « ئابا» دەيدۇ.
1 - 460