UyghurMain Dictionary
تۆۋە ئىستىغپارچىلار ھەرىكىتى
Domain: ئىسلام ئاتالغۇلىرىشىئە مەزھىپىنىڭ ئۇمەۋىيە سۇلالىسىغا قارشى قوراللىق قوزغىلىڭى. كەربالا پاجىئەسىدىن كېيىن كۇفەدىكى شىئە مەزھىپىگە مەنسۇپ نەچچە يۈز ئادەم پەيغەمبەر جەمەتىدىكىلەرنى قوغداپ قالالمىغانلىقىغا پۇشايمان قىلدى. ئۇمەۋىيە سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى يەزىد (1) 683 - يىلى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، سۇلايمان بىننى سۈرەدنى مۆتىۋەللى قىلىپ سايلىدى ھەمدە ئۆزىنى <تەۋۋاب> (تۆۋە - ئىستىغپارچىلار) دەپ ئاتىدى. ھەرىكەت شۇ نام بىلەن ئاتالدى. 468 - يىلى ئۇلار ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ھۈسەين قەبرىگاھىنىڭ ئالدىغا توپلاپ، تۆۋە - ئىستىغپار ئوقۇدى. قىساس ئېلىشقا قەسەم ئىچتى. كېيىن ئەين ۋەردە ئۇمەييەنىڭ 30 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى بىلەن ئۈچ كۈن قاتتىق جەڭ قىلىپ، ھەممىسى يوقىتىلدى.