UyghurMain Dictionary
تەڭ يېگەن تەنگە سىڭەر يالغۇز يېگەن يەرگە
Domain: ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر«تەڭ يېگەن تەنگە سىڭەر، يالغۇز يېگەن يەرگە »بۇ، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە شەخسىيەتچىلىك، ئىچى تارلىق قىلماي، كەڭ قورساقلىق بىلەن بار ئىمكانىيەتتىن بىرلىكتە بەھرىمەن بولۇپ، ئورتاق ياشاش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ: - ئاتىخان ئاكا: «تەڭ يېگەن تەنگە سىڭەر، يالغۇز يېگەن يەرگە سىڭەر» دېگەن گەپ بار. بىز ھەممىمىز مۇساپىر، مۇساپىرچىلىقتا كۆرمىگەن كۈنلىرىمىز يوق، - دېدى بەگتۆمۈر.