ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر«تاشقا چاچ، بەختىڭدىن كۆر»بۇ، بىرەر ئىشنى قىلىشتا ئىككىلەنمەي، كۆڭۈل توختىتىپ جۈرئەت بىلەن ئىشلىگەندە ئۇنىڭ ھالاۋىتىنى، راھىتىنى ئامىتىدىن، قىلغان ئەجرىنىڭ نەتىجىسىدىن كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ: - بەزىلەر جۈرئەت قىلىپ ئۇنى بۇزۇۋىدى، خېلىلا ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشتى. شۇلار قىلغان ئىشلارنى بىز قىلالماسمىزمۇ، قاچانغىچە «تاشقا چاچ، بەختىڭدىن كۆر» دەپ يۈرىمىز؟! - دېدى ئۇ غاپپارغا.