تاشلىماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① نەرسىلەرنى يەرگە، پەسكە قارىتىپ چۈشۈرمەك، ئاتماق:[مىسال:] ئۇ قولىدىكى خەتنى پۇرلاپ-پۇرلاپ يەرگە تاشلىۋەتتى.[يەشمىسى:] ② چۈشۈرمەك، تۆكمەك:[مىسال:] دەرەخلەر غازاڭ تاشلىدى.[يەشمىسى:] ③ ئۈستىدىن ئاشۇرۇپ، ئارتىلدۇرۇپ قويماق؛ سالماق، ياپماق:[مىسال:] پادىچى نان خالتىسىنى مۈرىسىگە تاشلاپ يولىغا ماڭدى.[يەشمىسى:] ④ ۋاز كەچمەك، خاتىمە بەرمەك، تەرك ئەتمەك:[مىسال:] ئۇ بىرچاغلاردا جان بېقىشنىڭ تەسلىكىدىن يۇرتىنى تاشلاپ، ياقا يۇرتلارغا چىقىپ كەتكەنىدى.[يەشمىسى:] ⑤ بىرەر جايدا قالدۇرماق ياكى بىركىمنىڭ ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەك:[مىسال:] ئىككى يىل بۇرۇن تۇغقانلارنىڭكىگە ئىككى تۇياق قوزىچاقنى ئاپىرىپ تاشلىۋېدىم، بۇ يىل يوغان ئىككى قوي بولغاندا ياندۇرۇپ ئەكەلدىم.[يەشمىسى:] ⑥ ئۆزىنى ئاتماق:[مىسال:] ئۇ ئاران ئورنىدىن تۇرۇپ كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلىدى.[يەشمىسى:] ⑦ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قويماق، بەرمەك، سورىماق:[مىسال:] سوئال تاشلىماق.[يەشمىسى:] ⑧ ئىرغاڭلىماق، چايقالماق:[مىسال:] ئۇ بالا ئۆزىنى ئىككى يانغا تاشلاپ ماڭىدۇ.[يەشمىسى:] ⑨ چۈشۈرمەك، پەيدا قىلماق (سايە ھەققىدە):[مىسال:] يوغان تېرەك ئەتراپلارغا سايە تاشلاپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] 01 پېئىلنىڭ رەۋىشداش شەكىللىرى بىلەن تۈس ياردەمچىسى رولىدا كېلىپ: 1) ھەرىكەتنىڭ تېز ھەم كەسكىن بېجىرىلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئېتىپ تاشلىماق. قىرىپ تاشلىماق.[يەشمىسى:] 2) ھەرىكەتنىڭ تاسادىپىي، ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] دەپ تاشلىماق. كۈلۈپ تاشلىماق.[يەشمىسى:] 11 بەزى ئىسىملارنى پېئىللاشتۇرىدۇ:[مىسال:] بالا تاشلىماق. سالما تاشلىماق.