تاقالماق[يەشمىسى:] ① «تاقىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئەتىسى كەچتە تۈلكە كەپتەرنىڭ ئۇۋىسىغا كەپتۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىشىكىمۇ مەھكەم تاقالغانىكەن.[يەشمىسى:] ② مۇناسىۋەتلىك بولۇپ چىقماق، ئالاقىدار بولماق:[مىسال:] خىيالىم ئاخىرى ئىككىمىزنىڭ مۇھەببىتىگە بېرىپ تاقالدى.