Uyghur←ChineseMain Dictionary
تاھىرىيە خاندانلىقى
تارىخ
塔伊勒王朝
tǎ yī lè wáng cháo
Domain: دۇنيا تارىخى达希尔王朝
dá xī ěr wáng cháo
ئىراننىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى يەرلىك فېئوداللىق خاندانلىقكى (821 - 873). مىلادىن 821-يىلى ئابباسىيلار خاندانلىقىدىكى خوراساننىڭ باش ۋالىيىسى تاھىر (؟ - 822) مۇستەقىللىك جاكارلاپ، تاھىر خاندانلىقىنى قۇرغان، نام جەھەتتە يەنىخ خەلىپىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغان. زېمىنى خوراسان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مەرۋىنى پايتەخت قىلغان. كېيىن نىشاپۇرغا يۆتكىگەن. ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، خوراسان قاتارلىق جايلارنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيىتى تەرەققىي قىلغان. 873-يىلى، سەففەر خاندانلىقى تەرىپىدىن يوقىتىلغان.