UyghurMain Dictionary
سۇرىنام مۇسۇلمانلار باش ئۇيۇشمىسى
Domain: ئىسلام ئاتالغۇلىرىسۇرىنامدىكى مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ئورگىنى بولۇپ، 1972 - يىلى قۇرۇلدى. باش ئورگىنى پايتەخت پارامارىبودا. سۇرىنام ئىسلام جەمئىيىتى، سۇرىنام مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى، سۇرىنام مۇسۇلمانلار بىرلەشمىسى، سۇرىنام مۇسۇلمانلار فوند ئۇيۇشمىسى، مۇھەممەد ئىسلام دىنى ئۇيۇشمىسى، مەملىكەتلىك مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتى قاتارلىقلار بۇ ئۇيۇشمىنىڭ ئەزالىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىسلام دىنىنى تەرغىب قىلىش، ئەزا تەشىلاتلارنىڭ پائالىيىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.