ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
مۇئەييەن ھەجمى بولغان، لېكىن شەكلى بولمىغان، ئېقىپ ھەرىكەتلىنىدىغان جىسىم. نورمال تېمپېراتۇرىدا ماي، سۇ، ھاراق، سىماب قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سۇيۇقلۇق ھېسابلىنىدۇ.
سۇيۇقلۇق پرېسى. دورا سۇيۇقلۇقى.
ماددىلارنىڭ سۇيۇلۇش دەرىجىسى.
قاننىڭ سۇيۇقلۇقىنى ئۆلچىمەك. سۇيۇقلۇقى ئاشماق.
كۆچمە. تۇتامسىزلىق؛ قەتئىي ئىرادىسى، ئېنىق مەيدانى بولماسلىق.
- قىزىڭىزنىڭ سۇيۇقلۇقىنى سىزمۇ بىلىدىغانسىز ئاچا،- دېدى سىڭلىسى مەنىلىك قىلىپ.