ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
سۇچى قىلىدىغان ئىش - ھەرىكەت.
تۆشۈك سوغامنى ياماپ، سۇچىلىق قىلدىم بۈگۈن. ئادالەتسىز پادىشاھنى، قوشاققا قاتتىم بۈگۈن.
سۇ ۋە سۇ كۈچى بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىش، سۇ بايلىقىنى ئېچىش، سۇ ئارقىلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا سۇغىرىش ۋە سۇ ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.