Uyghur←ChineseMain Dictionary
ستورسكىفتې تۈزۈمى
Domain: دۇنيا تارىخى斯托尔希夫特制
sī tuō ěr xī fū tè zhì
شۋېتسىيىچە Storskifteنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى، ئەسلى مەنىسى چوڭ ئۆزگىرىش دېگەنلىك بولىدۇ. شۋېتسىيىدە شىلەپىلىكلەر ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن (1739 - 1765) مەزگىلىدىكى بىرخىل بىرقەدەر تەرەققىيپەرۋەر بولغان يەر ئايرىش تۈزۈمى بولۇپ، 1757 - يىلدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. ئۇنىڭ ئۇسۇلى قورۇق تۈزۈلمىسىنى بۇزمىغان ئەھۋال ئاستىدا، تېرىقچىلىق قىلىشقا ئاسان بولۇشى ئۈچۈن، دېھقانلارغا ئۆزىنىڭ تارقاق ئۇششاق ئېتىزلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر پۈتۈن پارچىغا ئايلاندۇرۇش، ئۆز ئالدىغا بىر گەۋدە بولۇشقا رۇخسەت قىلىشتىن ئىبارەت بولغان. بۇخىل تۈزۈم يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىياتىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرگەن.