ستېمونا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ستېمونا ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. بەزىلىرى يەر بېغىرلاپ ئۆسىدۇ. تۈگۈنەك يىلتىزى تېبابەتچىلىكتە بەلغەمنى تۈگىتىپ، يۆتەلنى توختاتقۇچى دورا ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ يەنە ھاشارات ئۆلتۈرگۈچى دورا ئورنىدىمۇ ئىشلەيدۇ.