سولاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قۇلۇپ سېلىنغان، قۇلۇپلانغان، زەنجىرلەنگەن:[مىسال:] ياسىن ئۆيىگە كەلگەندە ئۆي سولاقلىق بولۇپ، ھېچقانداق تاۋۇش ئاڭلانمايتتى.[يەشمىسى:] ② تۈرمىگە ئېلىنغان، سولاپ قويۇلغان:[مىسال:] بۇ ۋاقىتتا ئابىدەم تېخىچىلا ئاتخانىنىڭ يەم-بوغۇز قويىدىغان ئۆيىدە سولاقلىق ئىدى.