سودان[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] سودان جۇمھۇرىيىتى ئافرىقىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان. يەر مەيدانى 2 مىليون 505 مىڭ 813 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى ئىچىدە ئەرەبلەر 93% نى، نېگىرلار 03%نى، يەرلىك خەلقلەر 13%نى تەشكىل قىلىدۇ. پۈتۈن مەملىكەتتە 570 تىن ئارتۇق قەبىلە بار. ئەرەب تىلى دۆلەت تىلى بولۇپ، ئىنگلىز تىلى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدۇ. تەخمىنەن يېرىم ئاھالىسى ئىسلام دىنىغا، قالغىنى ئىپتىدائىي دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدۇ.[CRLF]سوداننىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 4000-يىللار ئەتراپىدىكى شىمالىدىكى نېل دەرياسى ۋادىسىدا ئىپتىدائىي قەبىلىلەر ئولتۇراقلاشقان. مىلادى Ⅵ ئەسىردە خىرىستىئان دىنى سودانغا تارقالغان. Ⅶ ئەسىردە ئەرەبلەر سودانغا كۆچۈپ كىرىشكە باشلىغان ۋە يەرلىكلەر بىلەن توپلىشىش، ئىسلام دىنىنى تارقىتىش ئارقىلىق، ⅩⅢ ئەسىردە سوداننى ئىسلام دىنىنىڭ باشقۇرۇشىغا قاراتقان. ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئاخىرى، سوداننىڭ جەنۇبىدا ئىككى تەرەپ پادىشاھلىقى قۇرۇلغان، شىمالى ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. Ⅹ Ⅸ ئەسىردە مىسىر، ئەنگلىيىلەر بېسىپ كىرىپ، 1899-يىلى مىسىر، ئەنگلىيىنىڭ «ئورتاق باشقۇرۇشى»دا بولغان. 1956-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى سودان مۇستەقىللىق جاكارلاپ، جۇمھۇرىيەت قۇرغان. 1959-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان.[CRLF]يېزا ئىگىلىكى سوداننىڭ ئىقتىسادى تۈۋرىكى ھېسابلىنىدۇ. 08% نوپۇس يېزىدا، ئۇزۇن تالالىق پاختا مىسىردىن قالسىلا دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا. خاسىڭ مەھسۇلاتى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا. كۈنجۈت مەھسۇلاتى ئافرىقا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا، ئەرەب يىلىمى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. چارۋىچىلىق مەھسۇلاتى ئافرىقا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.[CRLF]پايتەختى خارتوم، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى.