سوداⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئانئورگانىك بىرىكمە. تەركىبى ناتري كاربونات. (N a2 CO3) ئاق رەڭلىك پاراشوك ياكى دانىچە ھالىتىدە بولۇپ، سۇدىكى ئېرىتمىسى كۈچلۈك بولۇشتەك ئاساسىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە. ئادەتتە ئەينەكچىلىك، قەغەزچىلىك، سوپۇن ۋە كىر يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، توقۇمىچىلىق ھەم كۆن-خۇرۇم سانائىتى قاتارلىقلارغا خام ئەشيا قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا قاتتىق سۇنى يۇمشىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.