UyghurMain Dictionary
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
<شىپ> قىلغان ئاۋاز چىقارماق، <شىپ> قىلماق.
بىردىنلا ئۇنىڭ شىپىلداپ ماڭغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدىم.
يەڭگىل ۋە سىلىق قەدەم تاشلاپ ماڭماق.
تۈن يېرىمىدىن ئۆتكەندە باينىڭ خوتۇنى شىپىلداپ كېلىپ: - ھەي ئاتىسى، تۇرسىلا، ئويغىنىپ قالغۇچە چاپسانراق بېرىپ ئۇجۇقتۇرۇۋېتەيلى، - دەپ نوقۇپتۇ.
كۆزىنى چىمىلداتماق.
ئالدىڭمۇ دېسەم، كۆزىنى شىپىلدىتىپ قاراپ تۇرىدۇ.
شىپىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① «شىپ» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «شىپ» قىلماق:[مىسال:] بىردىنلا ئۇنىڭ شىپىلداپ ماڭغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدىم.[يەشمىسى:] ② يەڭگىل ۋە سىلىق قەدەم تاشلاپ ماڭماق:[مىسال:] تۈن يېرىمىدىن ئۆتكەندە باينىڭ خوتۇنى شىپىلداپ كېلىپ:[مىسال:] ھەي ئاتىسى، تۇرسىلا، ئاۋۇ تاز توڭگۇزدەك خورۇلداپ راسا قاتتىق ئۇخلاۋېتىپتۇ، ئويغىنىپ قالغۇچە چاپسانراق بېرىپ ئۇجۇقتۇرۇۋېتەيلى، دەپ نوقۇپتۇ.[يەشمىسى:] ③ كۆزىنى چىمىلداتماق:[مىسال:] ئالدىڭمۇ دېسەم، كۆزىنى شىپىلدىتىپ قاراپ تۇرىدۇ.