شوخىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① غولى ياكى شاخلىرىدا شوخىسى بار، شوخا ئۆسۈپ چىققان:[مىسال:] شوخىلىق جىگدىگە چىقسام، يىرتىلدى چاپانلىرىم. سىلىنى ئىزدەپ يۈرۈپ، يېرىلدى تاپانلىرىم.[يەشمىسى:] ② تىكىنى بار شاخ-شۇمبىلاردىن قىلىنغان:[مىسال:] مۈشۈك بىر شوخىلىق چىتنىڭ ئارىسىدىن ھويلىغا كىرىپ كېتىپتۇ.