ئىسلام ئاتالغۇلىرىبۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ ئەسلىي مەنسى «ئالىيجاناب»، يەنى «پەيغەمبەر ئەۋلادى» دېگەنلىك بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى فاتىمە ۋە ھەزرىتى ئەلى ئارقىلىق داۋاملاشقان ئەۋلادلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. يېقىنقى زاماندا مەككىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى، ئىراق ۋە ماراكەشنىڭ پادىشاھلىرى مۇشۇ نام بىلەن بۈۋى فاتىمەنىڭ چوڭ ئوغلى ھەسەننىڭ ئەۋلادلىرىغا ۋەكىللىك قىلدى. كېيىن ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى كېلىپ چىقىش مەرتىۋىسى يۇقىرى ياكى سىياسىي ئورۇنغا ئىگە كىشىلەر شۇنداق دېيىلىدىغان بولدى.