ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
مەزمۇن ۋە ماھىيىتى بىلەن ھېسابلاشماي شەكىلگىلا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىش ئۇسۇلى، ئادەت، قىلىق.
قۇرۇق شەكىلۋازلىققا تولا باش قاتۇرماڭ، بىرەر باشلىقنى ئەمەس، كۆپچىلىكنى رازى قىلىشقا تىرىشىڭ، تەجرىبە - ساۋاقلىرىڭىزنى ئوبدان يەكۈنلەڭ.
<پەلس> بىر تەرەپلىمە ھالدا شەكىلگىلا ئېسىلىۋېلىپ، ماھىيەتكە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان خىزمەت ئىستىلى ياكى ھادىسىنىلا كۆرۈپ، ماھىيەتنى تەھلىل قىلمايدىغان بىر خىل ئىدىيىۋى ئۇسۇل.
شەكىلۋازلىق قىلماق.