UyghurMain Dictionary
شاھلىق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
شاھ ئىگىدارچىلىقىدىكى، شاھقا مەنسۇپ:
بولۇر ئاقىبەت بىر كۈنى ئاشكار،
بولۇ شاھلىق تەختىدە بەرقەرار.
ئا. نىزارى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. پادىشاھ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان دۆلەتلەردىكى ئەڭ ئالىي ئەمەل؛ پادىشاھلىق.
شاھلىق قىلماق.
- شاھلىق ماڭا ئاتا مىراس تۇرسا، نېمە ئۈچۈن شۇنداق دەيسەن؟ - دەپتۇ پادىشاھ.
سۈپ. شاھلارغا خاس، پەقەت شاھلارغىلا لايىق.
ئارمانۇس شاھ ئوردىسىغا ھازىر بولغانلارغا ئۆزىنىڭ شاھلىق ۋەزىپىسىدىن چەكلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلىپتۇ.
شاھلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پادىشاھ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان دۆلەتلەردىكى ئەڭ ئالىي ئەمەل؛ پادىشاھلىق:[مىسال:] شاھلىق قىلماق. * شاھلىق ماڭا ئاتا مىراس تۇرسا، نېمە ئۈچۈن شۇنداق دەيسەن دەپتۇ پادىشاھ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شاھلارغا خاس، پەقەت شاھلارغىلا لايىق:[مىسال:] ئارمانۇس شاھ ئوردىسىغا ھازىر بولغانلارغا ئۆزىنىڭ شاھلىق ۋەزىپىسىدىن چەكلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلىپتۇ.