—Reference
سۇغا ئەڭ چوڭقۇر شۇڭغۇش رېكورتى
Domain: دۇنيادىكى ئەڭلەرتېنچ ئوكياندىكى گوئام ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 400 كىلومېتىر كېلىدىغان يەردە چاللېنگېر دەپ ئاتىلىدىغان دېڭىز ئاستى جىراسى بولۇپ، دۇنيا بويىچە سۇغا ئەڭ چوڭقۇر شۇڭغۇش رېكورتى مۇشۇ يەردە يارىتىلغان. 1960 - يىلى 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى سائەت بىردىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، شىۋېتسارىيىلىك دوكتۇر جاكچۇ ئېس پىككارد ۋە ئامېرىكىلىق فرىس لېيتنانت دونالد ۋالشنىڭ قوماندانلىقىدا، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ <تېرسىت> ناملىق سۇغا شۇڭغۇپ كېزىپ تەكشۈرۈش ساندۇقى (شىۋېتسارىيىدە ياسالغان) ئوكياننىڭ 10 مىڭ 916 مېتىر چوڭقۇر يېرىگە شۇڭغۇپ كىرىپ، سۇغا چوڭقۇر شۇڭغۇشتا دۇنيا بويىچە رېكورت ياراتقان.