سەئۇدى ئەرەبىستان[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشالىقى ئاسىيانىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئەرەب يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان. يەر مەيدانى 2 مىليون 149 مىڭ 690 كۇۋادىرات كېلومېتىر. ئاھالىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئەرەبلەر تەشكىل قىلىدۇ. ھۆكۈمەت تىلى ئەرەب تىلىپ بولۇپ، ئىنگلىز تىلى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدۇ. ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى بولۇپ، كۆپ قىسمى سۈنئىي مەزھىپگە تەۋە.[CRLF]مىلادى Ⅶ ئەسىردە، ئىسلام دىنىنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەرەب يېرىم ئارىلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ۋارىسلىرى ئەرەب ئىمېرىيىسىنى قۇرۇپ چىققان. ⅩⅣ ئەسىردىن ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە ئوسمان تۆرلىرىنىڭ ئىشخالىيىتى بولغان ئون نەچچە ئەسىرلىك ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن، ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى سەئۇدى جەمەتى يېرىم ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا باش كۆتۈرۈپ چىقىدۇ ۋە 1924-يىلى مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، 1932-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشالىقنى قۇرغانلىقىنى جاكارلايدۇ. ھەر يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى دۆلەت بايرىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ 1990-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان.[CRLF]سەئۇدى ئەرەبىستان يېرىم چارۋىچىلىق، يېرىم دېھقانچىلىق دۆلىتى بولۇپ، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار دۆلەت ئاھالىسىنىڭ يېرىمىنى ئىگەللەيدۇ. ئاشلىقتا ئۆزىنى قامدىيالايدۇ. نېفىت زاپىسى ئىنتايىن مول بولۇپ، تەبىئىي گازنىڭ زاپىسى 7 ترىلىيون 164 مىليارت 100 مىليون كۆپ مېتىر. سەئۇدى ئەرەبىستان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئېكسپورت دۆلىتى بولۇپ، ئېكسپورت مەھسۇلاتىنىڭ 99% تىنى نېفىت ۋە نېفىت مەھسۇلاتلىرى ئىگەللەيدۇ.[CRLF]ئاساسلىق شەھەرلېرى: ① رىئاد، دۆلەتنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە قاتناش مەركىزى. ② جىددا، قىزىل دېڭىز بويىدىكى دۆلەت بويىچە ئەڭ چوڭ پورت. ئاساسلىق مەمۇرىي ئاپپاراتلار ۋە چەتئەل ئەلچىخانىلېرى مۇشۇ يەرگە جايلاشقان. جىددا ئايرىدىرومى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئايرىدوروملارنىڭ بىرى ③ مەككە، ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى. ④ مەدىنە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسى مۇشۇ شەھەردە.