UyghurMain Dictionary
سەۋەب قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختار
Domain: ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەربۇ، ئەقىلنى ئىشلىتىپ، پەم - پاراسەت بىلەن ئىش قىلغان ئادەم ھەر قانداق قىيىنچلىقنى يېڭىپ، نەتىجە قازىنالايدۇ، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ: ھۈنەرۋەن بالا بۇنىڭغا ئىشنىپمۇ كەتمەپتۇ، ئىشەنمەيمۇ تۇرماپتۇ؛ «سەۋەب قىلساڭ، سېۋەتتە سۇ توختار» دەپتىكەن، قېنى بۇنىمۇ قىلىپ كۆرەي دەپ ئويلاپ، ھېلىقى بوۋاي دېگەندەك قىلىپتۇ.