سەركىچۆپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]سەركە+چۆپ[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. باھار پەسلىدە دەسلەپ گۈلى ئېچىلىپ، كېيىن يوپۇرماق چىقىرىدۇ. گۈل باشىقى ئۈستىدە قويۇق ئۆسكەن ئاق رەڭدىكى تۈكلىرى بولىدۇ. يىلتىزسىمان غولىنى ئىستېمال قىلغىلى ياكى دورىغا ئىشلەتكىلى، يوپۇرمىقىدىن يامغۇرلۇق كىيىملەرنى توقۇغىلى بولىدۇ.