سەپكە ئاتلانماق[يەشمىسى:] ① تەشكىللىنىپ ھازىرلانماق، تەييارلانماق:[مىسال:] پوسكام گۈلباغ گۇڭشېىسىدا 4300 دىن ئارتۇق كىشى سەپكە ئاتلىنىپ كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش بويىچە دولقۇن قوزغىۋەتتى.[يەشمىسى:] ② كۈرەشكە، جەڭگە كىرمەك:[مىسال:] خەلق ئازادلىقى ئۈچۈن ھەممىمىز قەسەمياد قىلىپ، سەپكە ئاتلىنايلى.