Domain: بوتانىكائېيىق تاپانلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى تىك، يالغۇز ياكى توپلىشىپ ئۆسىدۇ؛ ئادەتتە شاخلىمايدۇ، پارقىراق، تۈكسىز كېلىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، گۈلى ئاق، قىزىل ياكى ھال رەڭلىك بولىدۇ؛ ئۇرۇقى قارامتۇل قوڭۇر، پارقىراق بولىدۇ؛ ئۇ <ئاق چوغلۇق> ياكى <ئاق شويىگۈل> دەپمۇ ئاتىلىدۇ.