سەجئە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] قاپىيىلىك نەسر. بۇ كۆپرەك خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا ئۇچرايدىغان ئالاھىدە بىر شەكىلدۇر. خەلق چۆچەكلىرى ۋە داستانلارنىڭ نەسرىي يول بىلەن يېزىلغان جايلىرىمۇ «سەجئە» دېيىلىدۇ.