سەگىتمەك[يەشمىسى:] ① «سەگىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئايشەم بالىنى سالقىن جايغا ئاپىرىپ سەگىتىشكە باشلىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھوشيارلىقنى، سەگەكلىكنى ئاشۇرۇپ قويماق؛ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرمەك:[مىسال:] رەھمەت، دىلخۇمار، بۈگۈن مېنى ھەقىقەتەن ئوبدان سەگىتىپ قويدىڭىز، دېدى شەۋكەت.