سەڭگەرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① زەن سالماق، سەپسالماق، دىققەت قىلماق:[مىسال:] ھاجى ئىشىكنى يەنە چىڭ يېپىپ تۇرۇپ، ئەتراپقا سەڭگىرىپ بىر قارىدى.[يەشمىسى:] ② ئاڭقارماق، پەرقىنى ئايرىماق؛ چۈشەنمەك:[مىسال:] مەن بۇ نەرسىلەرنى تازا سەڭگىرەلمىدىم.