Domain: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىخەۋەرلەر، رىۋايەتلەر.
پەيغەمبەرنى « ساۋچى» دېيىش مۇشۇنىڭدىن ئېلىنغان. چۈنكى ئۇ ئەلچىلىك قىلىپ خەۋەرلەرنى يەتكۈزىدۇ. قىسسىلەرنى سۆزلەپ بېرىدۇ. ساۋچى _ ئەلچى. قۇدىلار ئوتتۇرىسىدا بېرىپ - كېلىپ ئەلچىلىك قىلىدىغان كىشى. ساۋچى مەن يۇقىرىدا ئېيتقاندەك، بۇنىڭ سۆزىنى ئۇنىڭغا يەتكۈزىدۇ. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
بىلگە ئەرەن ساۋلارىن ئالغىل ئۆگۈت
ئەزگۈ ساۋىغ ئەزلەسە ئۆزگە سىڭەر