UyghurMain Dictionary
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھاۋا ئىسسىقمۇ ئەمەس، سوغۇقمۇ ئەمەس.
كېچە سالقىن بولسىمۇ، ئالەم كۈندۈزگە خۇمار. سۆرۈن يەردە سەگىسەڭ، ھاردۇق چىقىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. ئىسسققا نىسبەتەن سوغۇق، سوغۇققا مايىل، مۆتىدىل، سۆرۈن.
سالقىن ھاۋا. سالقىن شامال.
بېشىڭنى سالقىن، قورسىقىڭنى توق، پۇتۇڭنى ئىسسىق تۇت (ماقال ).
ئى. كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان، سوغۇققا مايىل مۆتىدىل ھاۋا ۋە مۇشۇنداق ھاۋالىق جاي.
سالقىندا ئولتۇرماق.
سۈپ. كۆچمە. خۇشياقماستىن، ياقتۇرمىغان ھالدا، سۇس.
قىز ئەتراپقا سالقىن بىر كۆز تاشلىدى - دە، غىڭشىپ ناخشىنى ئېيتتى.
سالقىن[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىسسىققا نىسبەتەن سوغۇق، سوغۇققا مايىل، مۆتىدىل، سۆرۈن:[مىسال:] سالقىن ھاۋا. سالقىن شامال. * بېشىڭنى سالقىن، قورسىقىڭنى توق، پۇتۇڭنى ئىسسىق تۇت (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان، سوغۇققا مايىل مۆتىدىل ھاۋا ۋە مۇشۇنداق ھاۋالىق جاي:[مىسال:] سالقىندا ئولتۇرماق.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] خۇشياقماستىن، ياقتۇرمىغان ھالدا، سۇس:[مىسال:] قىز ئەتراپقا سالقىن بىر كۆز تاشلىدى-دە، غىڭشىپ ھېلىقى ناخشىنى ئېيتتى.