UyghurMain Dictionary
سالماقⅠ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېغىرلىق، ۋەزىن:[مىسال:] ئۇ دامكراتنى تەتۈر بۇراپ، تراكتورنىڭ چاقىنى ئۆز سالمىقى بويىچە ياغاچ ئۈستىگە ئاۋايلاپ چۈشۈرۈشكە باشلىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سانى، ھەجمى، قىممىتى، ئەھمىيىتى جەھەتتىن تۇتقان ئورنى:[مىسال:] خىزمەتنىڭ سالمىقى. گەپنىڭ سالمىقى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاساسلىق، مۇھىم:[مىسال:] تاش ئۆستەڭ قۇرۇلۇشى «تەرەققىيات خەرىتىسى»دە سالماق ئورۇننى ئىگىلىگەن مۇھىم ئاساسىي قۇرۇلۇش ئىدى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆزىنى تۇتۇۋالغان، ئېغىر-بېسىق، پۇختا، تەمكىن:[مىسال:] سابىر سالماق ۋە خاتىرجەملىك بىلەن ئىشخانىغا كىرىپ كەلدى.