UyghurMain Dictionary
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سالام - تەزىم ھەرىكىتىنى بەجا كەلتۈرمەك.
سالام بەرسە، ئىلىك ئالماق ۋاجىپ. ئۆزۈڭدىن چوڭىغا سالام بەرمەسلىك ئەدەبسىزلىك. تەزىم قىلىش ھۈرمەتلەشنىڭ بىر خىلى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كۆرۈشكەندە تىنچ - ئامانلىق سورىماق.
ئىلىك ئالماق، سالام قايتۇرماق
سالامغا جاۋابەن سالام بەرمەك.
سالام بەرمەك سۈننەت، ئىلىك ئالماق ۋاجىپ. چوڭلارغا سالام قىل، كىچىكلەرگە رەھىم (قىل). سالامغا سالام قايتۇرۇش - ئەڭ ئاددىي ۋە ئەڭ ئۇلۇغ خىسلەت. ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت. ئالدىرىغاندا ئېرى خوتۇنىغا تەزىم قىپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
بىر كىم بىلەن ئۇچراشقاندا ياكى بىر كىمنى ئىزدەپ بارغاندا قارشى تەرەپتىكىگە ئېگىلىپ، قولىنى كۆكسىگە ئېلىپ ھۆرمەت ئىشارىتىنى قىلماق؛ <ئەسسالامۇئەلەيكۇم> دەپ تىنچ - ئامانلىق سورىماق.
ئەبىلغازى ئاتتىن ئالدىرىماي چۈشۈپ، ئاسىمغا سالام بېرىپ قول ئۇزاتتى.
قولىنى مەلۇم فورمىدا يۇقىرى كۆتۈرۈپ ياكى چېكىسىگە تەگكۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈرمەك (پىئونېر ۋە ھەربىيلەر ھەققىدە).
بالا ماڭا قاراپ پىئونېرلارچە سالام بەردى.
<دىن> نامازدىن پارىغ بولۇش ئالدىدا قەدىدە ئولتۇرۇپ باشنى ئوڭ ۋە سول تەرەپكە چۆرىمەك.
ئەخمەت سوپۇم ئىككى تەرەپكە سالام بېرىپ دۇئاغا قول كۆتۈردى.
سالام بەرمەك[يەشمىسى:] ① بىركىم بىلەن ئۇچراشقاندا ياكى بىركىمنى ئىزدەپ بارغاندا قارشى تەرەپتىكىگە ئېگىلىپ، قولىنى كۆكسىگە ئېلىپ ھۆرمەت ئىشارىتىنى قىلماق؛ «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» دەپ تىنچ-ئامانلىق سورىماق:[مىسال:] ئەبىلغازى ئاتتىن ئالدىرىماي چۈشۈپ، ئاسىمغا سالام بېرىپ قول ئۇزاتتى.[يەشمىسى:] ② قولىنى مەلۇم فورمىدا يۇقىرى كۆتۈرۈپ ياكى چېكىسىگە تەگكۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈرمەك (پىئونېر ۋە ھەربىيلەر ھەققىدە):[مىسال:] بالا ماڭا قاراپ پىئونېرلارچە سالام بەردى.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] نامازدىن پارىغ بولۇش ئالدىدا قەدىدە ئولتۇرۇپ باشنى ئوڭ ۋە سول تەرەپكە چۆرىمەك:[مىسال:] ئەخمەت سوپۇم ئىككى تەرەپكە سالام بېرىپ دۇئاغا قول كۆتۈردى.