ساھىبخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئۆي ئىگىسى، سورۇننى ئۇيۇشتۇرغۇچى:[مىسال:] ساھىبخانا مېھمانلارنى ئاشقا تەكلىپ قىلغاندىن كېيىن ھەممەيلەن تاماق يېيىش بىلەن بولۇپ كېتىشتى. ∥ ساھىبخانا يىگىت ئۈنئالغۇنىڭ توپچىسىنى باستى.[يەشمىسى:] ② مەلۇم بىر پائالىيەتكە تەكلىپ قىلىپ ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ ياكى شەخس:[مىسال:] ساھىبخانا كوماندا.