رەزگىⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بۇزۇلغان، چىرىگەن؛ كېرەكسىز، تاشلاندۇق، ئەسكى-تۈسكى:[مىسال:] ئەگەر سەن بەكمۇ يېنىك بولساڭ، ھايات دەرياسىنىڭ شىددەتلىك ئېقىمى سېنى خۇددى رەزگى يوپۇرماقلاردەك ئېقىتىپ كېتىۋېرىدۇ.[يەشمىسى:] ② پەس، ئىپلاس، رەزىل:[مىسال:] رەزگى دۈشمەنلەر شۇئان قانلار يۇتۇپ ئەجەل تاپتى. ∥ ئۇلار بىلەن ھەر كۈنى ئۆتكۈزۈپتۇ بەزمىلەر. ھاراق-نەشە، قىمارغا بېرىلىپ ئۇ رەزگىلەر.[يەشمىسى:] ③ ئىسكەتسىز، كۆرۈمسىز، سەت، پەس:[مىسال:] مېنىڭ ئۇنىڭ رەزگى چىرايىغا زادى قارىغۇم كەلمىدى.[يەشمىسى:] ④ كۈچسىز، زەئىپ، ئاجىز؛ جۈدەڭ، ئورۇق:[مىسال:] رەزگى ئادەم.