UyghurMain Dictionary
راغ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئوتلاق، يايلاق، دالا:
باغ، باغچە؛ باغ - بوستان:
1. نە مەشرىق، نە مەغرىب، نە شەھرۇ نە راغ،
كى بىر سائەت ئولماي بۇ ئىشتىن فەراغ.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
قىلىپ راغنى باغ ئىلە بوستان،
كى جاى قىلىپ ئاندا ئابى رەۋان.
ئا. نىزارى.
2. يەتتى سۇلتانغە بۇ سۆز باشىدىن - ئاياغ،
تىيرە بولدى كۆزلەرگە باغۇ راغ.
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
باغ؛ تاغ ئېتىكى، ئوتلاق؛ كۆكتاتلىق؛ دالا.