دۇنيا تارىخىيەنى قەبىلە ئىچىدە نىكاھلىنىش. ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىدە بىر قەبىلىنىڭ ئىچىدىكى ھەرقايسى ئۇرۇقلار ئارا نىكاھلىنىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇرۇق سىرتىدا نىكاھلىنىش بىلەن قەبىلە ئىچىدە نىكاھلىنىشنىڭ مەنىسى ئوخشاش بولۇپ، ئىچى - سىرتى دەپ ئاتاش، پەقەت ئۇرۇق بىلەن قەبىلىنىڭ ئوخشاش بولمىغان دائىرىسىگىلا قارىتىلىدۇ. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە، پەقەت ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسىدىن بۇرۇنقى قان - قېرىنداشلار نىكاھلانغان ئائىلىدىلا، گۇرۇھ ئىچىدە نىكاھلىنىش يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسىدا ئۇرۇق ئىچىدە نىكاھلىنىش مەنئىي قىلىنغان. ئەنگلىيىلىك ئالىم مكلېننان <ئۇرۇق ئىچىدە نىكاھلىنىش> دېگەن ئاتالغۇنى بىرىنچى قېتىم قوللىنىپ، ئىپتىدائىي قەبىلىلەرنى <سىرتىدا نىكاھلىنىدىغان> قەبىلە بىلەن <ئىچىدە نىكاھلىنىدىغان> قەبىلىدىن ئىبارەت ئىككى خىلغا بۆلگەن. ئىلىم - پەن بۇنداق بۇلۇشنىڭ ھېچقانداق ئاساسىي يوق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. <قوۋم سىرتىدا نىكاھلىنىش>قا قاراڭ.