Domain: ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرىدۇنيادا مەندەك قىممەتلىك نەرسە يوق. كىتاب، گېزىت، ژۇرناللارنىڭ ھەممىسى مېنىڭدىن ياسىلىدۇ، رەسساملار ماڭا چىرايلىق گۈللەرنى، گۈزەل، كۆركەم رەسىملەرنى سىزىدۇ. تېخى مەن كېلەچەكنىڭ ئۈمىدى بولغان ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۆگىنىش ماتېرىيالى. مەن بولمىسام ئىلىم - پەن تەرەققىي تاپمايدۇ، شۇڭا مەن ئەڭ قىممەتلىك نەرسە، - دېدى قەغەز ماختىنىپ.
- ئەي قەغەز، ئۆزۈڭنى ئۇنچىۋالا ماختىما! ئەگەر مەن بولمىسام ساڭا رەسساملار قانداق رەسىم سىزىدۇ؟ يازغۇچى، شائىرلار قانداق يېڭى ئەسەرلەرنى يارىتالايدۇ؟ ئالىم، ئىنژېنېرلار قانداق چېرتيۇژ، سېخمىلارنى سىزالايدۇ؟ شۇڭا سېنىڭدىن مېنىڭ قىممىتىم چوڭ! - دەپتۇ قەلەم.
قەغەز بىلەن قەلەم ئەنە شۇنداق گەپ تالىشىپ قىزىرىشىپ تۇرغاندا، چىراغ كۈلۈپ كەتتى ۋە:
- ھەر ئىككىڭلار توختاڭلار! سىلەر ئاسماندىن چۈشكەنمۇ ياكى يەردىن ئۈنگەنمۇ؟ - دەپ سورىدى.
- مېنى ئىنسانلار ئىجاد قىلغان، - دەپتۇ قەغەز.
- مېنىمۇ ئىنسانلار ئىجاد قىلغان، - دەپتۇ قەلەم.
- خۇش، ئۇنداق ئىكەن، سىلەر ئۆزۈڭلارنى ماختىماڭلار، ئۆزىنى ماختاش ئەڭ ئەخمەقلىق، سىلەر ئىككىڭلار ئىتتىپاقلىشىپ ئىلىم - پەننىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇڭلار، سىلەر ئىنسانلارنىڭ ئەمگىكىگە، ئەقىل - پاراسىتىگە ھۆرمەت قىلىڭلار؟