Domain: چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرىئەرەبچە
قەدر كېچىشى - رامىزاننىڭ 27 - كېچىسى. خاسىيەتلىك كېچە:
فەيزى ئىشكىن ئاچتىلەر كېچە مەگركى قەدر ئىدى،
خەيلى كەبۇتەرى مەلەك قىلدىلەر ھەر تەرەپ سەلام.
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قىممەت، باھا؛ ئۇلۇغلۇق، قەدىر - قىممەت، ئېسىللىك؛ ئورۇن، مەرتىۋە، ئەمەل؛ ئېغىرلىق مىقدارى، سان، چوڭ - كىچىكلىك، دەرىجە.
Domain: بىئولوگىيەئىسلام دىنىدىكى ئەرەبچە سۆز بولۇپ، تەقدىر، قىسمەت، دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئاللانىڭ پېشانىگە پۈتكەنلىرى توغرىسىدىكى ئەقىدە يەنى ئىسلام دىنى دۇنيادىكى جىمى شەيئىلەرنى ۋە شەيئىلەردىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئاللانىڭ ئالدىن بەلگىلىۋەتكەنلىكىگە ۋە ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. <قۇرئان كەرىم> دە مۇنداق دېيىلگەن: <مەخلۇقاتقا پايدىلىق ئىشلارنى (تەقدىر قىلدى، ئۇلارغا پايدىلىنىش يوللىرىنى) كۆرسەتتى> 87 - سۈرىنىڭ 3 - ئايىتى(. ئالەمدىكى مەۋجۇداتنى، كىشىلەرنىڭ باي - نامرات بولۇشى، ياخشىلىق - يامانلىق، ئامەت - ئاپەت، تۇغۇلۇش - ئۆلۈش، ھەتتا دۆلەتنىڭ گۈللىنىش ياكى خارابلىشىش قاتارلىقلارنى ئاللانىڭ ئىرادىسى بېكىتىدۇ. <... ھەممە شەيئىنى روشەن دەپتەردە )يەنى لەۋھۇلمەھپۇزدا( تولۇق خاتىرىلەپ قويغانمىز> )36 - سۈرىنىڭ 12 - ئايتىدىن(. قەدر بىلەن <ئىرادە ئەركىنلىكى> نىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى مۇنازىرە، ئىسلام ئىدىيە تارىخىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بەزى مەزھەپلەر <ھەممىنى ئاللا بەلگىلەيدۇ. ئىنسان ھېچنېمە قىلالمايدۇ> دېگەننى تەشەببۇس قىلىدۇ. قەدەرىيىلەر ئاللانىڭ ئالدىن پۈتكىنى ئاستىدا، ئىنساندا ئەركىنلىك بولىدۇ، دەپ قاراپ، <تەقدىرگە ئىمان كەلتۈرۈش، ئادەمدىن ئىش قىلىش> نى تەشەببۇس قىلىدۇ. مەسىلەن: ياخشىلىق ياكى يامانلىقنى ئاللا بەلگىلەيدۇ. ۋەھالەنكى، ئىنسان ھەرىكىتىدە ياخشىلىق ياكى يامانلىق قىلىشنى ئۆزى تاللىۋالىدۇ. مانا بۇ <ياخشىلىق ياكى يامانلىق تەقدىرگە پۈتۈلگەن بولىدۇ. ياخشىلىق ياكى يامانلىق قىلىش ئەركىن بولىدۇ> دېگەنلىكتۇر. ۋاڭ دەييۈي تەقدىر بىلەن <ئەركىنلىك> نىڭ مۇناسىۋىتىنى دېڭىز بىلەن كېمىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشىتىپ <تەقدىر دېڭىزغا، ئەركىنلىك كېمىگە ئوخشايدۇ> دېگەن. شۇڭا تەقدىرگە ئىمان كەلتۈرۈش ئىسلام دىنىدىكى ئالتە ئىماننىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
Domain: ئىسلام ئاتالغۇلىرى)1( لەيلەتۇل قەدر. )2( <قۇرئان كەرىم> دىكى 97 - سۈرىنىڭ نامى.