قازاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار (قازاقلار) ئاساسەن مەملىكىتىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا، ئۇنىڭدىن قالسا گەنسۇ، چىڭخەي ئۆلكىلىرىگە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. چەت ئەللەردە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي ئاھالىسىنى تەشكىل قىلىدۇ.