UyghurMain Dictionary
قاتماقⅠ
قاتماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [يەشمىسى:] ① قاتتىق ھالەتكە كەلمەك، قاتتىق بولماق؛ سۇيۇق ياكى يۇمشاق ھالىتىنى يوقىتىپ قاتتىقلاشماق:[مىسال:] شوپۇر بىلەن مەن زەي شېغىل ئۈستىدە قېتىپ كەتكەن برېزېنتنى يېپىنچا قىلىپ ياتتۇق. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] سوغۇقتىن مۇزلاپ ئۇيۇشۇپ كەتمەك، توڭۇپ كەتمەك، توڭلىماق:-[مىسال:] پۇتلىرىم قېتىپ كەتتى، ئازراق ماڭايلى، توڭلاپ ئۆلمەيلى يەنە-دېدى ئۇ ئولتۇرغانلارغا يالۋۇرۇپ. [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قورقۇش ياكى ھەيران بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەردىن جىمجىت تۇرۇپ قالماق، بىر ئىزدا شۈكلا توختاپ قالماق:[مىسال:] ئۇ «پىچاقنى تاشلا، قولۇڭنى كۆتۈر» دېگەن ئاۋازلارنى ئاڭلاپ قورققىنىدىن قېتىپلا قالدى. [يەشمىسى:] ④ [يەشمىسى:] ئېگىلىشچانلىقىنى، ئەۋرىشىملىكىنى يوقاتماق:[مىسال:] ئۆز ئورنۇمغا بېرىپ تاش چېقىشقا باشلىدىم. سائەت ئون بولغان مەزگىللەردىلا بەللىرىمنىڭ قېتىپ قالغانلىقىنى سەزدىم.⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] چېنىقىپ پىشماق، مۇستەھكەملەنمەك، مەزمۇتلاشماق:[مىسال:] سۆڭىكى قاتماق. * مۇسكۇللىرىڭ ئەينى گاڭ، تاشتەك مەھكەم قېتىپتۇ. بارلىق مەيدان ئەھلىمۇ، سېنى ماختاپ كېتىپتۇ.⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تېلىقماق:[مىسال:] مەن ئۇلارغا ئەھۋالنىڭ جەريانىنى سۆزلەپ بەرگەنىدىم، ئۇلار كۈلۈپ قېتىپ قېلىشتى.⑦ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىشلىمەي، پىكىر قىلالماي قالماق؛ سەزگۈرلۈكىنى، ئۆتكۈرلۈكىنى يوقاتماق (باش ھەققىدە):[مىسال:] بېشىڭ قاتسا، تامغا ئۈس (ماقال).[يەشمىسى:] ⑧ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ناھايىتى ئېسىل ياسانماق، پۇزۇر ياسىنىپ ئۆزىنى چوڭ كۆرسەتمەك:[مىسال:] شۇنداق، سىز باي، شۇڭا قېتىپ يۈرىسىز، بىراق سىزنى مۇنداق قېتىپ يۈرۈشكە سازاۋەر قىلغان نەرسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىز-دە، بىچارە...[يەشمىسى:] ⑨ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] غەرق بولماق، ھېچنېمىنى سېزەلمەيدىغان دەرىجىگە بېرىپ قالماق (ئۇخلاش ھەققىدە):[مىسال:] غەملەرگە پېتىپ قاپتۇ. ئۇخلاپمۇ قېتىپ قاپتۇ.