قارىمۇقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قەلەمپۇر ئائىلىسىدىكى مېۋىسى قارا، شارسىمان، ئۇرۇقى دورا قىلىنىدىغان بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. تەمى قىرتاقراق، تەبىئىتى مۆتىدىل، زەھەرسىز. قاننى جانلاندۇرۇپ، خۇن ماڭدۇرىدۇ، سۈت كەلتۈرىدۇ، ئىششىقنى ياندۇرىدۇ.