تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىقارا سوغۇق كۈنلىرى ئېقىن سۇ يۈزىدە پەيدا بولىدىغان ئۇششاق مۇز دانچىلىرى. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
قاردۇنى يىنچۈ ساقىنماڭ
تۇزغۇنى مانچۇ سېزىنمەڭ
بۇلمادۇق نەڭگە سەۋىنمەڭ
بىلگەلەر ئانى يېرەر
مۇز دانچىسىنى ئۈنچە ھېسابلىماڭ،
سوۋغاتنى مانچا دەپ سەزمەڭ،
ئېرىشمىگەن نەرسىگە سۆيۈنمەڭ،
بىلىملىك (كىشى) لەر ئۇنى ياقتۇرمايدۇ.
سۇ يۈزىدە لەيلەپ يۈرىدىغان ئۇششاق مۇز دانچىلىرنى ئۈنچە - مەرۋايىت دەپ يۈرمە، سوۋغات قىلىنغان يېمەكنى ئىش ھەققى دەپ سانىما؛ تاپالمىغان نەرسىگە سۆيۈنۈپ يۈرمە، مۇنداق قىلىشنى دانىشمەنلەر ياقتۇرمايدۇ.
1 - 546