UyghurMain Dictionary
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . يىغىندا يىغىن قاتناشچىلىرى مۇزاكىرە قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن كۆپچىلىك ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان بەلگىلىمە، تەشەببۇس.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دائىمىي يىغىنى 1992 - يىل 25 - دېكابىردا «پەن - تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا قارار» ماقۇللىدى.
2 . ئوي، نىيەت، پىكىر. مەن ئاخىر قەشقەرغە بېرىش قارارىغا كەلدىم.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
مۇددەت، نۆۋەت.
ئاپتونوم رايونلۇق 7 - قارارلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇددىتى توشتى. * 8 - قارارلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 - يىغىنى 1993 - يىل 10 - يانۋاردا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. * ئۇ يۇقىرى پارتىيە مەكتىپى شىنجاڭ سىنىپىنىڭ 3 - قارارىدا ئوقۇغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر ئىش ياكى مەسىلە ھەققىدە قوبۇل قىلىنغان خۇلاسە؛ ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم تېپىلغان قەتئىي پىكىر، ئەھدە، نىيەت، توختام ۋە ئۇلارنىڭ تېكستى.
بىر قارارغا كەلمەك. قارار قىلماق * يېڭى ئەر - خوتۇن ئىككىسى شۇ قارارغا كېلىپ تۇرۇشىغا قازىنىڭ ئادىمى كېلىپ ئىشىكنى قېقىپتۇ.
تاقەت، چىدام: تىنچلىق، ئاسايىشلىق، ئارام.
قارارىنى يوقاتماق. قارارى ئۇچماق.
تۇرار جاي، توختايدىغان جاي؛ مەنزىل.
يىراق بولسا، يېقىن بولسا، قارارىم يوقتۇر. مەن يارىمنى كۆرۈۋالسام، ئارمانىم يوقتۇر.
مىق. قېتىم، نۆۋەت.
مەكتەپتە 64 قارار قىسقا مۇددەتلىك كۇرس ئېچىلىپ، 2544 نەپەر ئوقۇتقۇچى ئۆگىنىشكە قاتناشتى.
قارار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىش ياكى مەسىلە ھەققىدە قوبۇل قىلىنغان خۇلاسە؛ ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم تېپىلغان قەتئىي پىكىر، ئەھدە، نىيەت، توختام ۋە ئۇلارنىڭ تېكستى:[مىسال:] بىر قارارغا كەلمەك. قارار قىلماق. * يېڭى ئەر-خوتۇن ئىككىسى شۇ قارارغا كېلىپ تۇرۇشىغا قازىنىڭ ئادىمى كېلىپ ئىشىكنى قېقىپتۇ.[يەشمىسى:] ② تاقەت، چىدام؛ تىنچلىق، ئاسايىشلىق، ئارام:[مىسال:] قارارىنى يوقاتماق. قارارى ئۇچماق.[يەشمىسى:] ③ تۇرار جاي، توختايدىغان جاي؛ مەنزىل:[مىسال:] يىراق بولسا، يېقىن بولسا، قارارىم يوقتۇر. مەن يارىمنى كۆرۈۋالسام، ئارمانىم يوقتۇر.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] قېتىم، نۆۋەت:[مىسال:] مەكتەپتە 64 قارار قىسقا مۇددەتلىك كۇرس ئېچىلىپ، 2544 نەپەر ئوقۇتقۇچى ئۆگىنىشكە قاتناشتى.