ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئاپتاپتا قۇرۇتۇلغان مېۋىلەر.
گۈل قاق، جىگدە - ياڭاق. * شاپتۇل قېقى. * قوغۇن قېقى. * قاق سالماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
تاغ - دالىلاردا سۇ يىغىلىپ قالغان كۆلچەك، چايدام.
تاغدا قاق سۈيىدىن ئىككى يۇرتۇم ئىچىۋىدىم، ئەجەب تېتىپ كەتتى . * تارىم بويىدا قاق تولا.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
قاقماق، قېقىش. 1 . بىرەر نەرسىنى يەنە بىر نەرسىگە ئۇرۇپ كىرگۈزمەك.
مىخ قاقماق. * قوزۇق قاقماق. * قاققان قوزۇقتەك.
2 . چەكمەك، ئاستا ئۇرماق. ئىشىك قاقماق. * دولىسىغا قاقماق. * دۈمبىسىگە قاقماق.
3 . بىرەر نەرسىنى سىلىپ ياكى ئۇرۇپ، چاڭ - توزانلىرىنى چىقىرىۋەتمەك. گىلەم قاقماق. * كىگىز قاقماق.
4 . دەرەختىكى مېۋىنى ئۇرۇپ، سىلىكىپ چۈشۈرمەك. ئۈجمە قاقماق. * ئۈرۈك قاقماق. * ياڭاق قاقماق.
5 . يۇقىرى - تۆۋەن مىدىراتماق. قانات قاقماق، كىرپىك قاقماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
رەۋىش.
دەل، قاپ.
قاق سەھەر. * قاق چۈش ۋاقتى. * قاق بەل. * تاتلىق سۆز قاتتىق تاياقنى قاق بۆلۈر (ماقال) .
ئاھاڭداش سۆزلەر
تەقلىد سۆز.
قاغىنىڭ قاقىلىدىغان ئاۋازى.
قاغىلار قاق ئېتىدۇ، ئۆز كۆڭلىنى خۇش ئېتىدۇ (ماقال) .
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
باھا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مالنىڭ پۇل بىلەن ئالماشتۇرۇلىدىغان قىممىتى.
باھا سىياسىتى. باھانى بازار قويار. ئانىسى ماختىغان قىزنىڭ باھاسى ئاشماس. بازار نەرخى. ئەرزان بىلەن قىممەتنىڭ بازارداچىققان نەرخى بار. قېچىرنىڭ نەخى بىلەن بۆرىنىڭ نېمە كارى. بازار ئىگىلىكى يولغا قويغاندىن كېيىت، مەھسۇلاتلارنىڭ نەرخ - ھاۋاسى بازارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن دائىم ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. سېتىلماس ئاتىنىڭ خۇنى قىممەت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆرۈك، شاپتۇل، قوغۇن، ۋە باشقا مېۋىلەرنىڭ قورۇتۇلغىنى.
«قاق»: ئومۇمىي، «گۈلە» كۆپرەك ئۈرۈك قېقىغا قارىتىلىدۇ.
گۈلە -قاق، جىگدە - ياڭاق. خۇۋەينى ئۆرۈكنىڭ گۈلىسى باھنى كۈچەيتىدۇ. بۈگۈرنىڭ ئۆرۈكى تولا، قېقى يوق، ئادىمى جىق، «سېقى» يوق (چاقچاق). كۇچانىڭ گۈلىسى تاتلىق، كەلپىننىڭ گۈلىسى ئەتلىك. ئارمۇت قاتۇتى - ئامۇت قېقى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تاغلار، چۆللەردە ۋە دەريا بويىدا سۇ توختاپ قالغان كۆلچەك.
«چايدام» قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
ئۇسسۇزلۇقتا قاق سۈيى جانغا ئارام بېرىدۇ. تارىم بويىدا داشلارغا تېرىپ قويۇلغان قوغۇن بەكمۇ تاتلىق بولىدۇ.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
تاغلاردا چوڭ تاشلارنىڭ ئويۇلۇپ كۆلچەك بولۇپ قالغان بېرى.
Domain: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىقاق.
ئەرۈك قاقى _ ئۆرۈك قېقى، گۈلە. باشقىلاردىمۇ شۇنداق.
2 - 411
Domain: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىقاق ئەت _ قاق گۆش، قاق قىلىنغان گۆش. قۇرۇتۇلغان ھەر قانداق نەرسىمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ.
2 - 411
Domain: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى