ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
قامچا بىلەن ئۇرماق، ساۋىماق؛ قامچا سالماق.
ئۇردى باشقا قامچىلاپ، ئاقتى قانلار تامچىلاپ. قاچتىم شۇئان ئۆيىدىن، قالدى تىللاپ، غاجىلاپ.
كۆچمە. تەنقىد قىلماق، سۆكمەك؛ تىللىماق.
ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئادەم يەيدىغان كونا جەمئىيەتنى قامچىلىدى.