Domain: ئىسلام ئاتالغۇلىرىئىسلام دىنىدىكى ھۇدۇدلەرنىڭ بىرى بولۇپ، گۇناھكار قامچا بىلەن ئۇرۇپ جازالىنىدۇ. بۇنىڭ ئىجراسىنى قازى نازارەت قىلىدۇ. بۇ جازا ئوغرىلىق، زىناخورلۇق، زىنا بىلەن قارىلاش ۋە ھاراقكەشلىك گۇناھلىرىغا قوللىنىلىدۇ. يېقىنقى زاماندىكى شەرىئەت ئىسلاھاتى ئارقىلىق، بۇ جازا زور كۆپ ساندىكى ئىسلام دۆلەتلىرىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ئاز ساندىكى دۆلەتلەردە بەزىدە ئىجرا قىلىنىدۇ.