تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىپۇچۇق.
كەمتۈك، كېسىلگەن، پۇچۇلغان نەرسە. ھەر قانداق نەرسىنىڭ يېرىمىمۇ « پۇچۇق» دېيىلىدۇ. پۇچۇق يارماق _ پۇچۇق يارماق.
1 - 489
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارچىلانغان، ئۇچۇپ كەتكەن؛ سۇنغان.
پۇچۇق چىنە.
پۈتۈن ئەمەس، يېرىم.
پۇچۇق نان.
ئەخمەت ۋە نۇردۇن ئەنە شۇ بىر زاغرىنى پۇچۇقتىن يېدى.
پاناق، ماكچايغان، كەمتۈك.
بۇرنى پۇچۇق.
دورامچۇقنىڭ ئاغزى پۇچۇق (ماقال).