ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
چوغ ياكى قوقاسقا تاشلاپ ئۇنىڭ ئۈستىدە ئۇ يان - بۇ يان ئۆرۈپ، سۈركەپ، ياكى كۆمۈپ پىشۇرماق.
بالىلار كۆكۋاش پۇچىلاپ يېدى.
بېشىر ھويلىنىڭ بىر بۇلۇڭىغا گۈلخان يېقىپ دەستىلەرنى پۇچىلاپ ماتىغۇچ بىلەن ماتىدى.
كۆچمە. ئازابلىماق، قىينىماق.
رەشك ۋە كۈنداشلىق ئوتلىرى مەنسۇر بەگنىڭ ۋۇجۇدىنى پۇچىلىدى.