Domain: دۇنيا تارىخىئەسلىدە فرانكىيە دۆلىتىنىڭ كورۇل ئوردىسىدىكى ئەمەل نامى. Ⅹ ئەسىردىن باشلاپ، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى لوررائېن، ساكسونىيە، شۋابېن ۋە باۋارىيە قاتارلىق جايلارغا پفالز گرافى ئەۋەتىپ، ئاساسەن شۇ جاينىڭ ئەدلىيە ئىشلىرىنى ئىدارە قىلغان. كېيىن فېئوداللىق تۈزۈمىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بەزى جايلارنىڭ پفالز گرافلىقى مىراس قالىدىغان ئەمەلگە ئايلانغان.